1931-يىلدىن باشلاپ نەشر قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ژۇرنال ھەر يىلى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سىياسەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنى باھالاپ ۋە دۇنياغا تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىمقى باھالىشىدا چېن گۇاڭچېڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە يامايكىلىق تەنھەرىكەتچى ئۇسايىن بولت «يىلنىڭ تەنھەرىكەتچىسى»، ئامېرىكىلىق رېژىسسور بەن ئافلاك بولسا «يىلنىڭ رېژىسسورى» بولۇپ باھالانغان.
«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭنىڭ شەندۇڭدىكى ساقچىلار نازارەت قىلىۋاتقان قورۇسىدىن تامدىن ئاتلاپ قېچىشى، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىپ مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى پاش قىلىشى، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئابۇنە ۋە باھالىغۇچىلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن.