خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىلى ئوبلاستى دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇر 11 - ئاي مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ غۇلجا» پىلانىنىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بېسىۋاتقان قەدەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلى ئوبلاستى دائىرىلىرىنىڭ چوڭ غۇلجا پىلانى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئەندىشە ۋە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان ھالدا غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ۋە قورغاس ناھىيىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇشنى پىلانلاپ، بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن.
يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەزكۇر جايدىكى خىتاي كوچمەنلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010 - يىلىدىن ئېتىبارەن بۇ يەرگە كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى مەجبۇرى سېتىۋېلىشى ئەۋج ئالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش پۇرسەتلىرى يەنىمۇ ئازىيىپ، تۇرمۇشى بارغانچە قىيىنلاشقان.