بۇنىڭ ئىچىدە 767 پارچە جەدۋەلنى ئۇيغۇرلار، 210 پارچە جەدۋەلنى خىتايلار، 33 پارچە جەدۋەلنى قازاقلار تولدۇرغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مەزكۇر رايى سىنالغان ئۇيغۇرنىڭ 100%ئى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چوڭ خەنزۇچىلىق مەۋجۇت دەپ ھېسابلىغان. 87.9 % قازاق رايى سىنالغۇچى شىنجاڭدا چوڭ خەنزۇچىلىق مەۋجۇت دەپ قارىغان.
رايى سىنالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە 34.27% ئۇيغۇر چوڭ خەنزۇچىلىق ناھايىتى ئېغىر، دەپ ھېسابلىغان.
ئۇيغۇر بىز تورى ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى ھەققىدە راي سىناش دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر بىز تورىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياڭ شېڭمىڭ ئىسىملىك بىر تۇڭگان پروفېسسورى ئۇيغۇر دىيارىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.