"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرت" نى فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى تېخىمۇ چوڭ زالغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلار سانى كۆپ بولغاچقا، مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى فىلىمنى تېخىمۇ چوڭ زالغا يۆتكەشمەك مەجبۇر بولغان.

بلۇمبېرگ خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، ئەسلىدىكى 750 كىشىلىك "بۈيۈك بىرلىك" كىنوخانىسىدىن، 1300 كىشىلىك مېلبۇرن ھۆكۈمەت زالىغا يۆتكەلگەن.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال تەشۋىقاتچىسى لۇسىي ھېسېلتىن مەزكۇر ھۆجەتتلىك فىلىمگە سېتىلغان بېلەتنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىمنى تۇنجى قويۇش مۇراسىمى مېلبۇرن ۋاقتى كەچقۇرۇن 4: 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور جېف دانىېل تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ۋە، بۇ يىل ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالى مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالغا قويۇلغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر فىلىمنىڭ بۇ فېستىۋالغا قويۇلۇشىغا، ئۆز فىلىملىرىنى فېستىۋالدىن چېكىندۈرۈش، فېستىۋال تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق قارشىلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى.