ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ بۇ يىغىندا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ سۆزى، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «قىزىل ناخشا ئېيتىش ۋە قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» دېگەن ھەرىكەتكە بەرگەن باھاسى. ۋېن جاباۋ بۇ ئاخبارات يىغىنىدا، يىللاردىن بۇيان ئۇ يەر-بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇۋاتقان، ئەمما پەقەت ئىجرا قىلمىغان «سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش» دېگەن سۆزنى يەنە تىلغا ئالغان.