چوڭچىڭدا 5 ياشلىق بالىنىڭ ماشىنىدا بېسىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامما تۇتقۇن قىلىندى

ئۆتكەن ھەپتە چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇشەن ناھىيىسىدە يۈزبەرگەن 5 ياشلىق بالىنىڭ ماشىنىدا بېسىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر قىسىم ئامما ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئەينى چاغدا ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچى شوپۇر بالىنى سوقۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، بالىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئورنىغا ماشىنىسىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، بالىنى ماشىنىدا باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن. نەتىجىدە بالىنىڭ دادىسى ھەم غەزەپلەنگەن نەچچە مىڭ ئامما، شوپۇرنى ھەم ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قاتناش ساقچىلىرىنى قورشىۋالغان. ھەم ۋەقە تېزلىكتە كېڭىيىپ ساقچى دائىرىلىرى توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەردىن 9 كىشىنى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى» دەپ ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلغان.

چوڭچىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچى شوپۇرنىڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ تىنچىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما چوڭچىڭدىكى پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە پەيدا قىلغۇچى شوپۇرنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقى ھەم بالىنىڭ جەسىتىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرمەيلا كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇرلۇقى بۇ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە بۇ ۋەقە ئۆتكەن يىلى گۇاڭدۇڭدا يۈز بەرگەن نارەسىدە قىزنى ماشىنىدا باستۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى يەنە بىر مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.