ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى بېيجىڭدە 4، سىچۇەن، سەندوڭ، گۇاڭدوڭلاردا بىردىن، جەمئى 7 گە يەتتى. بۇنىڭ بىرى67 ياشلىق ئەر. تەيۋەندە بۈگۈنگە قەدەر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى 3، بۇنىڭ بىرى 5 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سەھىيە تارماقلىرى ئىنسانىيەت ئەۋلادلىرىنى چوشقا زۇكامى ۋىرۇسىدىن ساقلاش ئۈچۈن 1 مىليار ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتتى ۋە ئۇ مەبلەغنى ۋاكسىنا ئىشلەيدىغان شىركەتلەرگە چۈشۈرۈپ بەردى.