بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، چوشقا زۇكىمىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئاۋسترالىيىدىمۇ بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، نەتىجىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل زۇكامنىڭ 41 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دۇنيا خاراكتېرلىك تارقىلىش ھالىتىگە ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە چوشقا زۇكىمى 73 دۆلەتكە تارىلىپ 26500 دىن كۆپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان ۋە 140 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر چوشقا زۇكىمى شىمالىي ئامېرىكىدىن باشقا رايونلاردا ئادەمدىن ئادەمگە تىز يۇقۇش ھالىتىگە ئۆتسە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل زۇكامنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلايدىكەن.