ئەمەلىيەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر چوشقا زۇكامىنىڭ چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلىش بىلەن يۇقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، H1N1 تىپلىق ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئاتىلىشى بىلەن كىشىلەردە چوشقىدىن ھەزەر ئەيلەش سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەر ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوشقا زۇكامىنىڭ ئاتىلىشىنى ئا تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكامى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.
بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مېكسىكا ھەمدە ئامېرىكىدىن چوشقا گۆشى ھەم چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا رۇسىيىمۇ كانادا، ئامېرىكا ھەمدە مېكسىكىدىن چوشقا گۆشى ھەمدە چوشقا گۆشىدىن ئىشلەنگەن يىمەكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان ئىدى.
نۆۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكى رۇسىيىنى، ئۇ چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرۈش يولىدا ئىكەن.