چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق ج خ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن «ئاسىيلىق قىلىش» قاتارلىق 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ لىجۈننى «ئاسىيلىق قىلىش»، «ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش»، ۋە «پارا ئېلىش» قاتارلىق 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 2‏-ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ، دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان ئىدى. ئۇ، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى، چۇڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، بو شىلەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە رەھبەرلىك يادروسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن.

ۋاڭ لىجۈننىڭ پاش قىلىشى ئاستىدا بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي قولغا ئېلىنىپ، بۇ يىل 8‏-ئايدا ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدە سوتلانغان ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بو شىلەي پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغا قەدەر بىر تەرەپ قىلىنمىغان. ئۇنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى كىشىلەر يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق تېما.

تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبنامىدە ۋاڭ لىجۈننىڭ «خىزمەت ۋاقتىدا ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋېلىشى، ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى»، «تەستىقسىز ياكى يالغان تەستىقنامە ياساپ، تېخنىكىلىق رازۋېدكا ۋاسىتىلىرىنى قانۇنسىز قوللىنىشى ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقى دەل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ بۇ ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا سىگنال بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.