بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، س ن ن تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش مەزمۇن قىلىنغان بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئىمزالىغان. بۇ ھۆججەت ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA ئېلىپ بارماقچى بولغان مەخپىي ھەرىكەتلەرنى ماقۇللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، CIA ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى لىۋىيىدە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈچۈن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كازافىيغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى يازغان ۋە CIA نىڭ قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما، بۈگۈن ئاقساراي ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ۋە لىۋىيىدە ھەرقانداق بىر گۇرۇپپىغا قورال ياردىمى قىلىش ھەققىدە بىر قارار ماقۇللانمىدى، دېگەن.