كلىنتون خانىم تۇنىسلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىكىنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى

تۇنىستا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم تۇنىسلارنى ئۇلار كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىكنى قوغداشقا دەۋەت قىلدى ۋە تونىستىكى بارلىقى پارتىيىلەرنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى تۇنىس پايتەختىدە 200 ئەتراپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا نۇتۇق سۆزلىگەندە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابتىن كېيىن تارىخ بىزگە ئۇنىڭ پەقەت ئىككى يۆلىنىشكە قاراپ ماڭدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ سىلى مېڭىۋاتقان يۆلىنىشتىكى، قۇدرەتلىك ۋە دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش يولى، يەنە بىر بولسا ئەكسىچە مۇستەبىتلىك يولى.

ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: سىلەر ئۆز دېموكراتىيىڭلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشۇڭلار كېرەك.

كلىنتون خانىم جۈمە كۈنى تۇنىستا چاقىرىلغان«سۈرىيە خەلقنىڭ دوستلىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقان. يىغىن ئوز خەلقى ئۇستىدىن قوراللىق باستۇرۇشنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي بېسىمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چاقىرىلغان ئىدى.