جەنۇبىي ئافرىقا دالاي لاماغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

7-ئۆكتەبىر، جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى Desmond Tutu نىڭ تۇغۇلغان كۈنى. تۈتۈ ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىمۇ تەكلىپ قىلغان.

ئەمما جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى 2009-يىلى دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان بولغاچقا، بۇ نۆۋەت جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىش- بەرمەسلىكى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە ئىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئالاقىدار بىر مىنىستىرى بۈگۈن، ئەگەر دالاي لاما ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان تەقدىردە، ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە 2009-يىلى ھۆكۈمەت ئىچىدە مەلۇم چۈشىنىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن دالاي لاماغا ۋىزا بېرىلمەي قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت، ھىندىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۆرۈشۈپ دالاي لامانىڭ پاسپورتىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى شۇنداقلا يەنە ۋىزىغا ئىلتىماس سۇنغان - سۇنمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان. مەزكۇر مىنىستىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما ھازىرغىچە تېخى ۋىزىغا ئىلتىماس سۇنمىغان.

دالاي لامانىڭ ھەر قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي دۆلىىتىنى پارچىلاش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاش دەپ قارىلىپ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىنماقتا.

خىتاي يەنە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دالاي لامانىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتىگە يول قويۇشىغا قەتئىي ھالدا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. دالاي لامامۇ ھەر قېتىملىق پائالىيەتلىرىدە خىتايدىكى دىكتاتور رېجىمنىڭ يىقىلىشقا مەھكۇم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ يىقىلىشىنىڭ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.