ئۇ، بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك تىبەت دىنىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 90 ياشلارغا كىرگەندە، مەن تىبەت بۇددىزمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك لامالىرى، تىبەت خەلقى ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تىبەت ئەنئەنىسىدىكى دالاي لاما تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختىشى مەسىلىسىگە قاراپ چىقىمەن.
دالاي لامانىڭ قايتا يارىلىشى ۋە ئېتىراپ قېلىشىنىڭ پەقەت يۇقىرىدەك رەسمىي يول بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دالاي لاما يەنە مۇنداق دېدى: ئۇنىڭدىن باشقا سىياسىي مەقسەتتە تاللانغان ھەر قانداق بىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇلار خىتايدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىبەت ئەنئەنىسى بويىچە كېيىنكى دالاي لامانىڭ نۆۋەتتىكى دالاي لاما ئۆلگەندىن كېيىن قايسى يەردە، قايسى بوۋاقنىڭ تېنىدە قايتا تۇغۇلىدىغانلىقىنى تىبەت روھانىيلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دىنىي يوسۇن ۋە تىبەت كالېندارى بويىچە بەلگىلەپ چىقىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ مەزكۇر ئەنئەنىسىگە خىلاپ ھالدا بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك لامالارنى بەلگىلەپ چىققان ۋە تىبەت روھانىيلارنى قاتتىق نارازى قىلغان.
2000-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ چىققان 14 ياشلىق 3-دەرىجىلىك كىرامپا لاما خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، خىتاينىڭ يۈزىنى تۆككەن ئىدى.