دالاي لاما ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى تىبەتكە بېرىپ ھېقىقى ئەھۋالنى كۆرۈشكە چاقىردى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 13-نويابىر كۈنى ياپونىيە دۆلەت مەجلىسىدە دوكلات بېرىپ، يىغىنغا قاتناشقان 233 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تىبەتكە بېرىپ، تىبەتلەر يۈزلىنىۋاتقان ھېقىقى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە چاقىردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاشقا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا يەنە ياپونىيىدىكى تىبەت ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچىلارمۇ كەلگەن بولۇپ، دالاي لامادىن كېيىن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللىرىمۇ تىبەتتە داۋاملىشىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ھەققىدە توختالغان.

دالاي لامانىڭ تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ھەققىدە ياپونىيە دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلغان بولۇپ، 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي بايانات بېرىپ، دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.