ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كالكۇتتادىكى كونسۇلخانىسى يېقىندا ھىندىستان غەربىي بېنگال شتاتىنىڭ ھۆكۈمەت باش كاتىپى سرې سامار گوش ئەپەندىگە خەت يېزىپ، غەربىي بېنگال شتاتىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە باش ۋالىسىنىڭ دالاي لاما نۇتۇق سۆزلەيدىغان پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خېتىدە، ئەگەر شتات باش ۋالىسى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى دالاي لامانىڭ پائالىيىتىگە قاتناشسا، جۇڭگو تەرەپ بۇنى دالاي لامانىڭ «جۇڭگوغا قارشى مەيدانى» نى قوللىغانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر خېتى بەزى ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھەرىكىتى «دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنغا خىلاپ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
غەربىي بېنگال ۋالىسى نارايانان بولسا دالاي لامانىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان كالكۇتتادىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى دىققەتكە ئالمىغان. ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خېتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي بىلەن زاكۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاي يېقىندا ھىندىستاننى دالاي لامانىڭ دېڭى دېھلىدا خەلقئارا دىنىي يىغىن ئېچىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان چېگرا سۆھبىتىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.