دالاي لاما ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى تېننىسسى شتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، شىمالى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.

ئۇ، تۈنۈگۈن 60 ‏ - يىللاردىكى ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇتىر كىڭ سۈيقەستكە ئۇچرىغان قونۇقخانىدىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ ئۆلۈمى بىر كۆڭۈلسىزلىك، لېكىن ئادەمگە ئىلھام بېرىدىغان بىر ۋەقە، دېگەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا دالاي لاما بۇ سەپىرىدە ئامېرىكا ۋە كانادانى زىيارەت قىلىپ، لاما دىنىي تەلىماتى توغرىسىدا تەبلىخ سۆزلەيدۇ.

ئۇ بۇ سەپىرىدە ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشەلمەسلىك ئېھتىمالى بار.

يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى قارارگاھىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئۆزۈرخاھلىقىنى يەتكۈزگەن ئىدى. دالاي لامانىڭ ئامېرىكا سەپىرى ئوبامانىڭ ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدىغان، 11 ‏ - ئاينى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان شۇنداقلا ئامېرىكا نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ئىقتىسادى ساھەدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار، ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىش ئىشى ئوبامانىڭ 11 ‏ - ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلگە توغرىلىنىشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا.