دالاي لاما گوللاندىيە زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان

گوللاندىيىدىكى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيىنىڭ ئامېستىردام شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما زىيارەت جەريانىدا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىىسى غەيرەتجان روزى ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغان.

دالاي لاما يەنە 4 - ئىيۇن كۈنى ئامېستىردامدىكى ئىۋىرۇ زالىدا بىر يېرىم سائەتلىك نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ 5 ئەزاسى قاتناشقان ۋە جەمئىيەت رەئىىسى غەيرەتجان روزى دالاي لاماغا ئۇيغۇرچە دوپپا كىيگۈزگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىراسى بولغان 12 مۇقامنىڭ ماي بوياق رەسىمى ھەمدە ئەتلەس شارپا سوۋغا قىلغان.

دالاي لاما نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ يىغىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسىنى 15 مىنۇت كىيىپ تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىگەن شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئەتىسى يەنى 5 - ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ 5 كىشىلىك ئەزاسى دالاي لاما چۈشكەن مېھمانسارايدا ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

غەيرەتجان ئەپەندىنىڭ مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بېرىشىچە، دالاي لاما قوبۇل جەريانىدا ئەتراپىدىكى مۇخبىرلار، داڭلىق ئەرباپلار ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن داڭلىق ئارتىسلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تىبەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىبەتلەرگە قانداق ياردەم قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇنداق ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلىگەن.

دالاي لامانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن گوللاندىيىدىكى دىنى زات ھۈسەنجان ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، دالاي لاما " مۇسۇلمانلار ياخشى، ئىسلام دىنى ياخشى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دىنلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تېرورىزىمغا باغلاپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن " دېگەن ۋە ئۇيغۇرلارمۇ تىبەتلەرگە ئوخشاش تېنچ يول بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى ۋە چەتئەللىكلەرنى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك، دېگەن.