دالاي لاما: 'يەر شارى كىلىمات مەسىلىسى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك'

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۇنيا رەھبەرلىرىنى يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.

دالاي لاما بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئاۋسترالىيىگە مۇھىت ۋە ئۇنىۋېرسال مەسئۇلىيەت توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە كەلگەن.

دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەت قاتارلىقلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دالاي لاما: " بۇ چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. يەر شارى مەسىلىسى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك" دېگەن.

ئۇ يەنە، كېلەر ئاي كوپېنھاگېندا ئېچىلىدىغان يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كىشىنى تولىمۇ رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

7 - دېكابىردىن 18 - دېكابىرغىچە دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ.