دالاي لاما رۇسىيىدە ئىككى ھەپتە زىيارەتتە بولماقچى

رۇسىيە فېدېراتسىيىسى گە تەۋە قالماقىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، ھازىرقى خەلقئارا شاخماتچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى كىرسان ئىلىمجىنوف، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ رۇسىيەدە ئىككى ھەپتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دارىمسالانى زىيارەت قىلىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.05.13

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىرسان ئىلىمجىنوف، دالاي لامانىڭ رۇسيىدىكى بۇددىزمى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالماقىيە ۋە بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى لاما بۇددىستلىرى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە موسكۋا ۋە سانكتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىدىمۇ زىيارەتتە بولۇش پىلانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، سابىق قالماق پرېزىدېنتى ھازىرغىچە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى قارار قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

سابىق قالماق پرېزىدېنتى يەنە رۇسىيىدىكى بۇددىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جامائەتنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇ مەسىلىدە يېقىندا موسكۋادا نامايىش قىلىنىدىغانلىقى، 2004 - يىلى رۇسىيە دالاي لاماغا ۋىزا بېرىپ، ئۇنىڭ قالماقىيىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋانى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ئەسلەتكەن. شۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن، قالماقىيە ئۆز پايتەختى ئەلىستادا زور كۆلەمدە بىر لاما ئىبادەتخانىسى ياساشقا كىرىشىپ، ئۇنى پۈتتۈرگەن، نۆۋەتتە ئۇلار دالاي لامانىڭ بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشنى كۈتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.