دالاي لاما بۈگۈن پارىژغا پەخرىي پۇقرا بولدى

تېبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بۈگۈن، ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان فرانسىيىگە يېتىپ كەلگەندە، پارىژدا پەخرى پۇقرالىققا ئېرىشتى.

ئۇ پارىژدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 3 ‏- ئايدا تېبەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرغان ۋە پائالىيەتكە قاتناشقا دىندارلارغا ئۆلۈم جازسى بەرگەننى 'بىر قەدىمىي دۆلەتنىڭ ئەنئەنىسسىگە ۋە مەدەنىيىتىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىق دەپ قارايمەن' دېدى.

دالاي لاما فرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىنلا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىلار بىلەن بىرلىكتە نورماندىغا كېلىپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.