دالاي لاما تىبەت ھەرىكىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ دىئالوگىدا چىڭ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

دالاي لاما جۈمە كۈنى دارامسالادىكى قارارگاھىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە 10 - 20 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "نۆۋەتتە سۆھبەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. لېكىن بۇ، كەلگۈسىدە سۆھبەتنىڭ نەتىجە قازىنىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2002‏ - يىلدىن بېرى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 9 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. دالاي لاما خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدا تىبەتكە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتقاتلىقىنى، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدا تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارىدىكى زامانغا لايىقلاشقان بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ "بىز 51 يىل ساقلىسۇن، بىز يەنە 10 - 20 يىل ساقلىيالايمىز" دېگەنلىكىنى يازدى. دالاي لاما 1990 ‏ - يىللاردا مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇ "بىزنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى پۈتۈن دۇنيا بىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا بىزنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە" دېگەن.