ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇم، دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، راھىپلار ئۆزىگە ئوت يېقىشنىڭ ئالدىدا «ياشىسۇن دالاي لاما» دەپ شوئار توۋلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىككى نەپەر راھىپنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان؛ پەقەت راھىپلارنىڭ ئۆزىگە ئوت ياققاندىن كېيىن ئوتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال ئۆچۈرۈلگەنلىكى، راھىپلارنىڭ يېنىك دەرىجىدە كۆيگەنلىكى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ۋەقە دالاي لاما ئۆزىنىڭ ۋارىسىنىڭ قانداق تەيىنلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تالاش-تارتىشلىق مەزگىلگە توغرا كەلدى.
دالاي لاما شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆز ۋارىسىنى، ئۆزى 90 ياشقا كىرگەن مەزگىلىدە دۇنيادىكى تىبەت راھىپلىرىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا بېكىتىلىش يولىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
