دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

خىتاي خۇنەن ئۆلكىسىدە زىيارەتتىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك خىتاي-تىبەت سۆھبىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نەشرىيات ئەپكارلىرىدىن "نيۇيورك ۋاقتى" گېزىتى جۈمە كۈنى خەۋەر بېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى خىتاي -تىبەت سۆھبىتىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر بىر ۋاقىتقا توغرىلانغانلىقىنى، لېكىن دالاي لاما ۋەكىللىرىدىن لودى گيارى بىلەن كېلساڭ گيالتسېنلارنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىدىن باشقا، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇن خۇنەن ئۆلكىسىدە زىيارەت پائالىيىتىدە بولغان ئىدى. دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيىسى ئارىسىدىكى سۆھبەت خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تىبەت خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان كۈننىڭ كېيىنكى ھەپتىسىگە توغرا كەلدى. خۇ جىڭتاۋ تىبەت خىزمەت يىغىنىدا 2020 ‏- يىلى تىبەت خەلقىنىڭ كىشى بېىشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمىنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر تىبەت خەلقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 4 دەن بىر قىسىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

لېكىن"نيۇ-يورك ۋاقتى"گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرىش ياسايدىغانلىقى ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى سۆھبەتتە چوڭ ئىلگىرلەش بولىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.