دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاينىڭ مۇرەسسەگە كېلىشىدىن ئۈمىد يوق

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى تۈنۈگۈن خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى بېيجىڭغا كەلدى. بۇ، تىبەتلەرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن 9‏ - قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭغا كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا بەشىنچى قېتىملىق تىبەت خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، تىبەتنى تېز تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائى مۇلازىمەتنى ياخشىلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇنىڭغا قارىتا دالاي لامانىڭ ياردەمچىسى كەدروب توندۇپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، 'بۇ قېتىم ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى مۇمكىن، ئەمما مۇرەسسە قىلىپ كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئۈمىد يوق،' دېگەن ئىدى.

خەۋەر دە ئېيتىلىشىچە، تىبەت - خىتاي سۆھبىتى ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما خىتايدىكى تىبەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى لو رۇڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020‏ - يىلىدىن بۇرۇن، تىبەتتە ئاساسى قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىۋاتىدۇ، ئەمما تىبەتلەرنىڭ كۆزلەۋاتقان نىشانى تىبەتتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇلار، 'ئەگەر تىبەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشلانمىسا، تىبەتلەر مەڭگۇ ئارقىدا قېلىۋېرىدۇ،' دەپ قارايدۇ. ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ كۆزلىگەن نىشانىدا چوڭ پەرق بار.