دانىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتېرسېن ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلدى

دانىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فرىس ئارنې پېتېرسېن يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە رايوندىكى دانىيە كارخانىلىرىنى يوقلىغان.

پېتېرسېن 16-مارت كۈنى باشلانغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە ئۈرۈمچىدىن سىرت يەنە، قارىماي ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى قىلىپ، قەشقەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان.

ئۇ دانىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا «شىنجاڭ نۇرغۇن رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن پۇرسەتكە ئىگە. بۇ رايون دانىيە شىركەتلىرىنى زور سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ» دېگەن.

پېتېرسېننىڭ زىيارىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ ياۋروپا ئەللىرىگە قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان، دانىيە ئۇيغۇرلار سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغان ئاساسلىق ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ زىيارەت ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىندا قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەرنى چېقىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ياۋروپا كومىسسىيىسىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

باش ئەلچى پېتېرسېن، 17-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇت بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا دائىر مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن. لېكىن، ھەر ئىككى دۆلەت مەتبۇئاتى باش ئەلچىنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا دائىر قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بەرمىگەن.

دانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە باش ئەلچى پېتېرسېننىڭ زىيارىتىنىڭ، يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئالغا سۈرۈش، دانىيىنىڭ سودا مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ۋە پروگراممىلارغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.