تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خىتايدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى بايقالغان.
مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 37% دېھقاننىڭ يەرلىرى بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىگىلىۋېلىنغان.
يېرى ئىگىلىۋېلىنغان دېھقانلاردىن 29% دېھقاننىڭ يېرى ئالدىن ئالا ئۇقتۇرۇش قىلىنماستىن تۇيۇقسىز ئىگىلىۋېلىنغان، يېرى ئىگىلىۋالغان 58% دېھقاننىڭ بېرىلگەن تۆلەم پۇلغا قارىتا رازىلىقى ئېلىنمىغان.
ئەڭ ئېغىر بولغىنى، يېرى ئىگىلىۋېلىنغان 60% دېھقان مۇۋاپىق تۆلەم پۇلغا ئېرىشەلمىگەن.
خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈكسەلگەن بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك سودا شىركەتلىرى، ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى ھەم كان شىركەتلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن يېرى ئىگىلىۋالغان دېھقانلار بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار خىتايدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئاساسى سالمىقىنى ئىگىلەيدىكەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرىنى «ھالقىسىمان تەرەققىيات رايونى قۇرۇش»، «كان ئېچىش» قاتارلىق باھانىلەردە ئىگىلىۋېلىشى بارغانچە ئېغىرلاشقان بولۇپ، ھەتتا بېيجىڭغىچە بېرىپ ئەرز قىلغان دېھقان ئەرزدارلار بارغانچە كۆپەيگەن.
رايوندىكى يېرى ئىگىلىۋېلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كۆپ قېتىم ئىنكاسلار بەرگەن ئىدى.