ياپون تەرەپ مەزكۇر تېررىتورىيىنىڭ ياپونىيىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ چارلاشنى داۋام قىلغان. بۇ ۋەقە تۈنۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپون چارلىغۇچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەزكۇر رايوندا دېڭىز خەرىتىسى لايىھىلەش ئۈچۈن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ قىلمىشىنى «قوبۇل قىلىنماس بىر تەلەپ» دەپ تەنقىد قىلغان.
ئوخشاش ۋەقە 2010-يىلى ماي ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇ قېتىمدا ئىككى تەرەپنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ، خىتاي كاپىتان ياپونىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.