فىلىپپىن تالاش-تارتىشتىكى «جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى» نىڭ نامىنى «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» غا ئۆزگەرتتى

فىلىپپىن پرېزىدېنت ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى ئاتالمىش «جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى» نىڭ نامىنىڭ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

فىلىپپىننىڭ قارارى خىتاي بىلەن ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سپراتىل قاتارلىق تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ، مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە چىقىرىلغان ئىدى.

پرېزىدېنت ئاكېنونىڭ باياناتچىسى ئەدۋىن لاسېردا دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر دېڭىز رايونىنى ئۆزلىرى خالىغان ناملاردا ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ۋيېتنامنىڭ مەزكۇر رايوننى شەرقىي دېڭىز دەپ ئاتىغىنىدەك، بىزنىڭ ئۇنى غەربىي دېڭىز دەپ ئاتىشىمىز نورمال ئەھۋال» دېگەن.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دېگەن نامنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نامنى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلەردە بۇرۇندىن قوللىنىپ كەلگەن.

يېقىندا فىلىپپىن، سپراتىل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىم ئاراللاردا يۈز بەرگەن خىتايلار بىلەن فىلىپپىنلىقلار ئارىسىدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ خىتايلارنى كۈشكۈرتۈپ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ سپراتىل تاقىم ئاراللىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن فىلىپپىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەقەنى كۆپتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

فىلىپپىن تالاش-تارتىشتىكى بۇ رايوننىڭ غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان دۈشەنبە كۈنى، ۋيېتنام مەزكۇر رايوندا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.