خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دىلشات پەرھاتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مەخسۇس بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، دىيارىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھاتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۈكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇش ۋە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى. چاقىرىقنامىدە، دىلشات پەرھات، نۇر ئەلى ۋە نىجات ئازاد قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋىجدان مەھبۇسلىرى دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى ۋە ئۈستىدىن ھەقسىز ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى بايان قىلىندى. مەزكۇر تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرى ۋە تەرەپدارلىرىغا خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى دىلشات پەرھات قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار دائىرە ۋە ئورگانلىرىغا خەت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىشقا چاقىردى. چاقىرىقنامىدە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.

ۋىجدان مەھبۇسلىرى دېگەن ئاتالغۇ خەلقئارادا، جامائەت ۋە خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلغان ۋە پكىر بايان قىلغان ۋە بۇ سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان مەھبۇسلار ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. چاقىرىقنامىدا 15 يىللىق كېسىلگەن غەيرەت نىياز ۋە مۇددەتسىز كېسىلگەن گۇلمىرە ئىمىن قاتارلىق تار باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرى دەپ ئاتالغان.