شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باش ماقالىسىدە «ئامېرىكا دوكلاتىدا جۇڭگونىڭ دىنىي ئەمەلىيىتىنى نەزەرگە ئالماي، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە خەۋەرلىرى ھەم بىر قىسىم خىتايغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلغان» دېگەن بايانلار بېرىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلەندى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 30-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش» نامىدا، خىتايدىكى تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
دوكلاتتا يەنە 2011-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق قاتتىق باستۇرغانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىدىغان قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلغانلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر چەكلىمە قويغانلىقى تەنقىدلەنگەن ئىدى.