ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئىشلار كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى دىققەت قوزغىماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاراتقان نازارەت ھەم چەكلىمىلەرنى بارغانچە كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ساھەدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىمۇ كۆپەيتىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 15-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 10-قېتىملىق دىنىي كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى دەرس باشلىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ كۇرس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۇرسانتلارغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئىشلار خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ئىگىلەشكە تېگىشلىك يېڭى ئۇسۇل‏-چارىلەر ھەققىدە مەخسۇس تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ھەم خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ئەنە شۇ خىل دىنىي ئىشلار كادىرلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ، باستۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراش مەسىلىسى، نۆۋەتتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىشىدىكى ئاساسى نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.