خىتاي 9 ‏- قېتىم ئامېرىكىنىڭ 'دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر' تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە 2010‏ - يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا 135 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلگەن.

بۇ دوكلاتتا خىتاينى 'ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەڭ ئېغىر دىنىي زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارىتا ھەرخىل چەكلىمە قويۇپلا قالماي، دىنى كىتابلىرىنىمۇ كۆيدۈردى، ھەتتا ئەنئەنىۋى مىللىي كېيىملىرىنىمۇ چەكلىدى. تىبەتلەرنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىنىمۇ كەڭ كۈلەمدە باستۇردى. فالۇنگوڭ، كاتولىك قاتارلىق قانۇنلۇق دىنىي تەشكىلاتلارغا قارىتامۇ باستۇرۇش سىياسىتى قوللاندى' دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان بۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، خىتاينىڭ ئۇدا 9 قېتىم دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇۋاتقان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.