ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى بىڭتۇەنلەرگە ئىشلەمچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا

بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل يازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشى بىلەن قەشقەر، خوتەن ھەمدە قىزىلسۇنىڭ يېزىلىرىدىن ئۇيغۇر دېھقان ياشلار ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىككە كەلمەكتە.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە پەقەت قاغىلىققا جايلاشقان خىتاي بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار ئىككى مىڭدىن ئاشىدىكەن.

بىڭتۇەن يېزىلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭمۇ كۆپ ساندىكىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىۋاتقان ئىشسىز ياشلار بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا بارغاندىن كېيىن، يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىشقا ئوخشاش دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىنى قىلىدىكەن.

خەۋەردە بىڭتۇەنگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار سانىنى يەنە بىر مىليون بەش يۈز مىڭغا يەتكۈزمەكچى ئىدى.

بىڭتۇەن خەۋەرلىرىنىڭ يەنە بىر ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، ھازىر گەرچە يازلىق تېرىلغۇ بولۇۋاتقان ئالدىراش پەيت بولسىمۇ، بىڭتۇەن دېھقانلىرىنىڭ ماي بايرىمىدا ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان، پەقەت 89 ‏- پولىكتىن بۇ بايرامدا سىرتلارغا ساياھەتكە چىققانلار مىڭدىن ئاشىدىكەن.

بىڭتۇەنلىك ساياھەتچىلەرنىڭ بايانىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەننىڭ بېيىغان خىتاي دېھقانلىرى ھازىر سودا ‏- سېتىق قىلىپ، ئىگىلىگەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئۇيغۇر ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن پەسىللىك ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئىقتىسادىي سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى پەسىللىك ئىشچىلارنىڭ بىڭتۇەنگە كۆپلەپ كېلىشى بىلەن بىڭتۇەن دېھقانلىرىغا دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن قوللىرى بوشاپ، ساياھەت ۋە سودا ‏ - سېتىقلار بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى كۆپ بولماقتا ئىكەن.

يېقىنقى سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما بىڭتۇەن دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى يەتتە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. بىڭتۇەندىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليونغا يېقىنلاشتى.