خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 'دىيارىم' تور بېكىتىنىڭ تەھرىرى دىلشات پەرھاتنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى جىددى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 8 ‏ - ئاينىڭ 7 ‏ - كۈنىدىن بېرى ئىز دېرەكى بولمىغان "دىيارىم" تور بېكىتىنىڭ تەھرىرى دىلشات پەرھاتنى شەرتسىز دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەركىزى لوندوندىكى مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى پەرھاتنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى قانۇنى ئورنىنى مۇئايەنلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ، دائىرىلەردىن دىلشات پەرھاتنىڭ تەن جازاسى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باشقىلار دىلشات پەرھاتنى 7 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئۆيىدىن چاقىرىپ چىقىپ كەتكەندىن بېرى ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ساقچىلار ئۇنىڭ 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىر قانچە كۈن سوراق قىلغاندىن كېيىن "مەسىلىسى يوق" دەپ قويۇپ بەرگەن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن رايوندىكى بارلىق تور بەتلىرىنى تاقاپ، رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەزىيەتكە ئارلىشىشقا چاقىرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دىلشات پەرھات ھەققىدىكى باياناتىدا يەنە دائىرىلەرنى دىلشاتنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە تىببىي ياردەمگە ئېرىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىگەن.