ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان.

بۇ گۇرۇپپا تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ بىر قاتار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بارغان. يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلغان، جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلغان.

يىغىندا ئاساسلىقى، بۇ تۈر دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئاساسى قاتلاملاردىمۇ تەسىس قىلىش، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى گۇرۇپپىغا مەسئۇل بولۇش ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر قىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتى ھېچقاچان بوش قويۇۋېتىلگەن ئەمەس. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قېتىملىق بىر جىددىي ۋەزىيەتتە يېڭىچە نام ياكى يېڭىچە ئاپپاراتلار بىلەن، رايوندىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلمەكتە.

ئولىمپىك مەزگىلىدە ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا قۇرۇلمىغان مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئەمدىلىكتە قۇرۇلۇشىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئىسيانلارنىڭ ئىلھامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان ياسىمەن ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىلگىرى چەتئەل كۆزەتكۈچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ياسىمەن نامايىشىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئازلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار يېتەكچىلىك قىلغان بىر ھەرىكەتتە ئورۇن ئېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلارنىڭ بولسا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكتىن بەكرەك، مۇقىملىقنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپى، رايوندىكى دائىرىلەرگىمۇ ئايان ؛ ئەمما، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر ئۆلكىسىگە قارىغاندا يۈكسەكتۇر. شۇڭا دائىرىلەر بۇ قېتىمقى ياسىمەن ئىنقىلابى شامىلىنىڭ تەسىرىگە قارىتا ھوشيار ھالەتتە تۇرماقتا.