ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايدىكى قىز بوۋاقلارنى چۈشۈرۈشنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەي لىڭ خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى قىز بوۋاقلارنى چۈشۈرۈش قىلمىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەي لىڭ ۋە بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىز بوۋاقلارنى چۈشۈرۈشنى چەكلەش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتايدىكى قىز-ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تەڭسىزلىك ھازىر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. سەي لىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتايدا ھازىر تۇغۇلۇۋاتقان قىز-ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى 119-100 بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاياللارغا قارىغاندا 40 مىليون ئەر كىشى ئارتۇق بولىدىكەن. سەي لىڭ ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە بۇ خىل ئەھۋالدا ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشقۇچىلاردىن بىرى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سمېس بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر پەرزەنت» تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغىچە، قىز بوۋاقلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن.