بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە «خىتايدا ياسالغان ئولىمپىك كىيىملىرىنى توپلاپ ئوت قويۇۋېتىش كېرەك» دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پوزىتسىيىسىگە ئىنكاس قايتۇرغان.
ئوبزوردا ئولىمپىكنىڭ بىر تەنتەربىيە پائالىيىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا سىياسەتنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سايلام ھارپىسىدا ئولىمپىككە ئالاقىدار ئىشلارنى سايلام رىقابىتى ئۈچۈن دەسمايە قىلىپ قوللىنىۋاتقانقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي بۇ ئوبزورى ئارقىلىق ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ مەزكۇر پوزىتسىيىسىنى خىتايغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتىكى يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئوۆلىمپىك كىيىملىرىنى قايتىدىن تىككۈزۈشكە ۋاقىت جەھەتتىن ئىمكان قالمىغانلىقىنى، ئەمما 2014-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك كىيىملىرىنى ئامېرىكىدا تىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
