ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاي ئارمىيىسى زامانىۋىلىشىۋاتقان پەيتلەردە ھوشيارلىقنى ھەرگىز يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ۋە خىتاي ئارمىيىسى زامانىۋىلىشىۋاتقان پەيتلەردە ھوشيارلىقنى ھەرگىز يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى سىنگاپور، ۋيېتنام ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

پانېتتا ئاكادېمىيىدىكى كەلگۈسى دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنى خىتاي بىلەن يېقىن مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئورنىتىشقا، ئەمما دائىم ھوشيار تۇرۇشقا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ئارمىيىسى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ۋە زامانىۋىلىشىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم ھوشيار بولغاندىن باشقا، قۇدرەتلىك ھالىتىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. بىز يەنە كەلگۈسى دۇچ كېلىدىغان ھەر قانداق رىقابەتكە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشىمىز لازىم.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنىڭ رايوندا يېڭى مۇداپىئە ھەمكارلىقى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنى ئاسىيا –تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىتاينى تولىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى.