دۇبەيدە ئىككى ئۇيغۇر 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دۇبەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب خەلىپىلىگىنىڭ دۇبەيدىكى ئابۇ دابى سوت مەھكىمىسى بۈگۈن، ئىككى نەپەر ئۇيغۇرغا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

مەزكۇر سوت، بۇلتۇر 7‏ - ئايدا قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى 31 ياشلىق، م. ب ۋە 35 ياشلىق ۋ. گ دەپ ئېلان قىلدى.

ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى بولسا 'خىتاينىڭ دۇبەيدىكى ئەجدىھار سودا سارىيىنى پارتلىتىش ئۈچۈن ئەشيا توپلىغان ۋە تېررورچى تەشكىلاتقا قاتناشقان' دەپ ئېلان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇبەيدە ئىنگلىزچە چىقىدىغان گېزىتلەر بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە 'ئەگەر بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ، خىتاينىڭ سودا سارىيىنى پارتلىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇ، دۇبەيدىكى ناھايىتى چوڭ بىر بۇزغۇنچىلىق بولۇپ قالاتتى ' دەپ تەسۋىرلىگەن.