رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزنى زېللىك ئەپەندى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە بانكا باشلىقلىرى يىغىننىڭ بۈگۈنكى ئاخىرلىشىش پەيتىدە ئېيتقان ئىدى.
شەنبە كۈنىدىكى يىغىندا مەزكۇر دۆلەتلەر دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن تېخىمۇ زور ساندىكى ئىنسانلارنىڭ كەمبەغەلچىلىككە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بۈگۈن دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى روبېرت زېللىك دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغانلىق بىلەن ئاگاھلاندۇردى.
بۇ يىغىندا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ مەسئۇلى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ياشلارنىڭ پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئىشسىز ياشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىنى يوقاتقان بىر ئەۋلادقا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن جەريانىدا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان.
يىغىن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ قايتا ياخشىلىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى، بىراق ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش ھەم ئاتوم رادىئوئاتسىيىسى ۋەقەسى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشلارنىڭ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن.