دۇنيا بانكىسى خىتاينى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا بانكىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى 80 پىرسەنت كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆپكە راكى، سەكتە، يۈرەك ۋە قان شىكىرى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەب بولىدىكەن. ھالبۇكى، بەزى تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

مەسىلەن، تاماكا بېجىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ سانىنى ئازايتىش بۇنىڭدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا تاماكىغا قويۇلغان باج 30 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ياۋروپادا بولسا تاماكا مەھسۇلاتلىرىغا 65-80 پىرسەنتكىچە باج قويۇلىدىكەن. دۇنيا بانكىسى دوكلاتىدا ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا جىددىي قاراپ، ئەمگەك قىلالايدىغان، ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمىسا، بۇنىڭ خىتايدا ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەردىن سىرت، ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرگىمۇ سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا 300 مىليوندىن ئوشۇق ئادەم تاماكا ئىستېمال قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى بىرىنچى تاماكا ئىستېمال دۆلىتى ۋە شۇنداقلا ئېكسپورت دۆلىتى. خىتاي تېخى بۇ يىل 5-ئايدىن تارتىپ، ئۈستى ئىتىك بولغان ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن ئىدى.