ئۇ ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرقى مۇقىملىقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈپ بېرىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ خىل تەرەققىيات شەكلىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىشنى تۈرتكە قىلغان ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس ئىكەن.
ئۇ خىتاينى ئىچكى ئېھتىياجنى جانلاندۇرۇپ، پۇل ئامانەت جۇغلانمىسىنى ئازايتىش، ئىستېمالنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەرەققىيات شەكلىنى تەڭشەشكە چاقىرغان.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي قۇرۇمسال ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، «ئوتتۇرا ھاللىقلارنىڭ چۈكۈش كرىزىسى» گە ئۇچرايدىكەن.
بەزى ئانالىزچىلار خىتاي جەمئىيىتىدىكى «ئوتتۇرا ھاللىق» ئائىلىلەر چۆكسە، بۇنىڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىققا يول ئېچىپ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. زولېك بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭ 1-سېنتەبىر 5 كۈنلۈك خىتاي سەپىرى باشلانغان شۇ كۈنى «پۇل-مۇئامىلە» گېزىتىنىڭ تور بېتىدىكى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئامىللار ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى، بايلىقنىڭ سانائەتكە يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، نوپۇسنىڭ قېرىشى، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازلىشى، ئاكتىپ ئەمگەك كۈچى بىلەن دەم ئېلىش يېشىدىكىلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئاز ساندىكىلەر كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنى باقىدىغان ئەھۋال كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
