دۇنيا ئىقتىسادى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىشكە يۈزلەندى

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دۇنيا ئىقتىسادى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشكە يۈزلەندى، دەپ جاكارلىدى.

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، 2009‏ - يىلىدا ، پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىساد ئاران %0.5 ئۆسۈشى مۇمكىن، ئەگەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي چېكىنىش يۈز بەرسە، باشقا دۆلەتلەردە ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىمۇ ، ئەگەر خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى ئېغىرلاپ كېتىۋەرسە، 2009‏ - يىلىدا ، پۈتۈن يەر شارىدا يەنە 50 مىليون ئادەم ئىشتىن بوشايدۇ. ئىشسىزلىق ئەڭ ئېغىر بولىدىغان رايونلار ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە رۇسىيىدە.