دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە تەنقىد قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە تۈزۈلمىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، خىتاي يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ۋە قالايمىقانلىقىنى، بۇ تۈزۈلمە خىتايدا سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەگە ناھايىتى ئاستا ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلاتتا، يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى زامانىۋى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالاردا يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك مەسئۇلى جورگېن شۇلىندت، خىتايدىكى مەسىلە تۈزۈلمىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسىدە ھۆكۈمەت ھەممىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، لېكىن يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكىگە كارخانىلارنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولۇشى زۆرۈر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سۈت پاراشۇكى سەتچىلىكىنىڭ كارخانىلاردا يۈز بەرگەنلىكى، لېكىن ۋەقەدە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. يېقىندا خىتاينىڭ بالىلار سۈت پاراشۇكىغا بالىلاردا بۆرەك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان مېلامىن ماددىسى قوشۇلىدىغانلىقى، شۇ تۈپەيلى بۆرىكى زەھەرلەنگەن بالىلارنىڭ 60 مىڭغا يېتىدىغانلىقى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيادا خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارە - تەدبىرى قاتارىدا نۇرغۇن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋالغان، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.