ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىسى ئىشخانىسى دوكلاتتا، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن 8 يىلدىن بېرى بىر قاتار ئىقتىسادى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت خىتاي كارخانىلىرىنى يۆلەيدىغان ۋە قوغدايدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا ئارىلىشىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بەزى ساھەلەردە ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مەسىلىسىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ : "ئامېرىكىدىكى بەزى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن بىشارەتلەر خىتاينىڭ بازار ئىقتىسادىغا قاراپ ئىلگىرىلەش قەدىمى پۈتۈنلەي توختىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە."
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشى تەلەپ قىلىنغان شۇنىڭدەك خىتايدا ساختا ماللارنى ئىشلەش ۋە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىرلىقى، بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا، ئەگەر سۆھبەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلالمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەنمەي سودا قانۇنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە - يوسۇنى دائىرىسىدە "خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىكى ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى" تەكىتلەنگەن.