شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار ھارۋا سەيلىسىگە چىقىرىلغان

نۆۋەتتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن 300 سەنئەتچى"ھارۋا سەيلىسى" دەپ ئاتالغان يېڭى بىر سەنئەت تۈرى بويىچە ئويۇن كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر شاڭخەينىڭ دۇنيا يەرمەنكە باغچىسىدىكى 800 مېتىرلىق يولدا ئۇسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىشقا سېلىنغان. سەنئەتچىلەر شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت مەكتىپى قاتارلىق تۆت ئورۇندىن كەلگەن سەرخىل سەنئەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن.

ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بېزەلگەن 3 چوڭ ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، مۇزىكا چالغان ۋە ناخشا ئېيتقان، قالغانلىرى بولسا، كوچىدا ئۇسۇل ئويناپ مېڭىپ، يولدا ئۆتكەن - كەچكەن ساياھەتچى ۋە شاڭخەيلىكلەرگە ماھارەت كۆرسەتكەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ زور كۆلەملىك ھارۋا سەيلىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تالان - تاراج ۋە سىياسىي بېسىمنى پەۋازلاش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇش، دەپ قاراشماقتا.

غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ كوچا ئۇسۇلىدىكى قاينام- تاشقىنلىق كەيپىياتى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشەنگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەردە ئەجەبلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغان.