د ئۇ ق خىتاينى ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

د ئۇ ق سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ «خەلقئارا ئازسانلىق مىللەتلەر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەزكۇر ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەھدىنامىگە پۈتۈنلەي خىلاپ سىياسەت يۈرگۈزگەن.

باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، كىشىلەرنى قانۇنى رەسمىيەتسىز ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قاققانلىقى، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى، دىنىي كۇرسلارنى تەقىبلەپ، كىشىلەرنى قانۇندىن ھالقىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆشۈكى-قەشقەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلار، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت خىتاينى خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي بۇ چاقىرىققا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان.

باياناتتا يەنە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن سۆزلىشىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىلغان. خىتاي مەزكۇر ئەھدىنامىگە 10 نەچچە يىل ئاۋۋال قول قويغان بولسىمۇ، بىراق خەلق قۇرۇلتىيى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىغان.