ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت ۋە چاقىرىقلار ئارىسىدا، لېي فىڭدىن ئۆگىنىش، 3 ئايرىلالماسلىق دېگەنگە ئوخشاش 30 يىلدىن بېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتقان شوئارلار زەنجىرى يەنە تەكىتلەنگەن؛ ئەمما 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتىگە ئائىت زور ۋەقەلەر ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان رايوندا مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەسسىلەپ كۈچىيىپ بارغان. بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا ۋەقەسى، 5-ئىيۇل ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى بولسا، خوتەن، قەشقەر، قاغىلىق ۋە كورلا ۋەقەلىرى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىساللىرىدۇر.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئاقماس تەدبىرىدىن ۋاز كېچىشىگە، بۇنىڭ ئورنىغا رايوننىڭ رېئال مەسىلىلىرىنى خەلقنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىشكە جاسارەت قىلىشقا چاقىردى.