د ئۇ ق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋە يېقىندا ئۇنىڭغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى

د ئۇ ق جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا، قازاقىستان دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ئەرشىدىن ئىسرائىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە قازاقىستانغا يازما كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق يەنە، ئەرشىدىن ئىسرائىل ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئەرشىدىننىڭ قېرىنداشلىرىدىن شەمشىدىن ئىسرائىل شۇنداقلا سۈيدۈڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئابدۇسالام ناسىر، ئابدۇكېرىم دىخانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇكېرىم دېھقان بىلەن ئابدۇسالام ناسىر 2010‏-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى يەنە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار ئەرشىدىن ئىسرائىل 30-ماي خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتا تۇتقۇن قىلىنغان.

د ئۇ ق يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى يۇقىرىقى كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈشكە، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇلارنىڭ دېلوسى ھەققىدە، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئورنى، قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە قىستاشقا چاقىرغان.